ئامېرىكانىڭ سىسكو شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھەرقانداق مالنى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.01.10

ئامېرىكانىڭ سىسكو(Sysco) شىركىتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان چىشەن گۇرۇھىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

باش شىتابى ئامېرىكانىڭ تېكساس شىتاتى ھيۇستون شەھىرىگە جايلاشقان سىسكو شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك پارچە سېتىش شىركىتى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 600 مىڭدىن كۆپ خېرىدارى بار ئىكەن.

«دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بايلىقى» تورىنىڭ 10-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى چىشەن گۇرۇھى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. كالىفورنىيەدىكى دېموكراتلاردىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جارىد خوفما (Jared Huffman) 2023-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سىسكو شىركىتىگە خەت يېزىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ شەندۇڭدىكى بىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتىدىن مال ئالىدىغانلىقىنى، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن چېتىشلىقى بولغان چىشەن گۇرۇھىنىڭ تارمىقى ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇغان.

بۇ يىل 5-يانۋار كۈنى، سىسكو شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كېۋىن ھورىكان (Kevin Hourican) جارىد خوفماننىڭ خېتىگە قايتۇرغان جاۋابىدا، مەزكۇر شىركەتنىڭ مال  تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەر قانداق مالنى كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سىسكو شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەرقانداق ئادەم ئەتكەسچىلىكى، كىشىلەرنى قۇل قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ياكى بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش دېگەندەك قىلمىشلارنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلمىشلار بايقالسا ئۆز پىرىنسىپىمىز ۋە سىياسىتىمىز بىلەن ئۇنى ھەل قىلىمىز».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 9-يانۋار كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جارىد خوفمان قاتارلىق 27 ۋەكىل ئىمزا قويغان ۋە پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىنغا سۇنۇلغان مۇراجىئەتنامىدە، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سىسكو قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.