ئۇيغۇر ئەدىب ۋە شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.05.23

ئۇيغۇر ئەدىب ۋە شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» غا (Václav Hav el International Prize for Creative Dissent) ئېرىشكەن. مەركىزى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپات 1989-يىلى شەرقىي ياۋروپادا كوممۇنىزم لاگېرىغا خاتىمە بېرىلگەن مەزگىلدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان شۇنداقلا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمى غۇلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى پىرېزىدېنتى بولغان ۋاسلاۋ خاۋېلنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن 2012-يىلىدىن بېرى تارقىتىلىپ كەلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق فوندى قۇرغۇچىسى تسور خالۋورسېن (Thor Halvorssen) بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ھەر يىلى خاۋېل مۇكاپاتى جاسارەت ۋە ئىجادچانلىق بىلەن زومىگەرلىكلەرنى ئاشكارىلاپ كەلگەنلەرگە بېرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى پەۋقۇلئاددە جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئىسپاتى».

مەزكۇر ئورگان تاھىر ھامۇت ئىزگىل ھەققىدىكى باياناتىدا، ئۇنىڭ «كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شائىرى، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى، 90-يىللاردا ئىجادىيىتى سەۋەبلىك خىتاي تۈرمىسىدە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان تاھىر ھامۇتنىڭ، 2017-يىلى باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ چىققان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى» بايان قىلغان.

ئۇلار يەنە، تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندىنىڭ ئەسلىمە كىتابى «‹كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش› نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئوينىغان ئاز ساندىكى گۇۋاھلىقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

بۇ مۇكاپات 4-ئىيۇن كۈنى، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024-يىللىق ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى (OFF) دە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئارقىلىق ساھىبلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ مۇكاپاتقا تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى بىلەن بىرگە، ئىرانلىق سەنئەتكار توماج سالىھى ۋە ۋېنېزۇئېلالىق پىئانىنو ماھىرى، سەنئەتكار گابرىئېلا مونتېرو قاتارلىقلار لايىق كۆرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.