زېلېنىسكي، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن دۇنيانى تەيۋەنگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.13

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكي 11-ئىيۇن شەنبە كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭ-رىلا ئاسىيا بىخەتەرلىك دىئالوگى يىغىنىدا تور ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلىگەندە، دۇنيانىڭ خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن دۇنيا «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك» ئىكەن. زېلېنىسكىي يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېننىڭ «خىتاينىڭ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش خەۋپىدىكى تەيۋەنگە قانداق تەۋسىيەلىرىڭىز بار؟»، دېگەن سوئالىغا بۇ جاۋابنى بەرگەن.

جوش روگېن 11-ئىيۇن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، زېلېنىسكىينىڭ ئۆز سۆزىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىشىغا قارىماي، تاجاۋۇزچىلار قەيەردە پەيدا بولسا، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى، تەيۋەن كرىزىسىنىڭ پارتلىشىنى ساقلاپ تۇرماسلىقنى، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشتا سادىر قىلغان خاتالىقىنى سادىر قىلماسلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. زېلېنسكىي، ئۇكرائىنانىڭ دۇنيا ئۈچۈن بىر ساۋاق ئىكەنلىكى، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ئۇرۇشنىڭ، ھازىرقى خىرىسغا قانائەت قىلمايدىغان سىياسىي رەھبەرلەردىن باشقا ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ «ئىشتىھاسى ۋە خىرىسى» نىڭ داۋاملىق يوغىناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۇنيا ھازىرچە بۇ رەھبەرلەرنىڭ ئىشتىھالىرىنى يوغىنىتىشىغا يول قويماقتا. شۇڭا، ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان دۆلەتلەرنى قوللايدىغان دىپلوماتىيەلىك چارىلەرگە ئېھتىياجىمىز بار» دېگەن.

بىراق زېلېنىسكىينىڭ ئېيتىشىچە، «خەلقئارا جەمئىيەت ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ زوراۋانلىققا ئايلىنىشتىن بۇرۇن كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزغا تاقابىل تۇرالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇلارنى مالىيە، زېمىن ۋە قورال-ياراق جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رايىغا تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.