تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تارىخىي زەپەرنى خاتىرىلەش كۈنىدە خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.24

8-ئاينىڭ 23-كۈنى، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تاجاۋۇزچىلىرىنى چېكىندۈرگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىرادىسى كۈچلۈك، تاجاۋۇزچىلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دەپ خىتاينى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرغان.

رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، خىتاي تەيۋەن بوغۇزىغا يېقىن جايدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەنگە توختىماي تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكاغا بولغان غەزىپىنى ۋە تەيۋەننى يۇتىۋېلىش غەرىزىنى ئاشكارىلىغان.

سەي يىڭۋېن ئۆتمۈشتە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان «قىزىل خىتاي» نى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئىپتىخارلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «64 يىل ئىلگىرىكى 23-ئاۋغۇست جېڭىدە ئەسكەرلىرىمىز ۋە خەلقىمىز بىرلىشىپ تەيۋەننى قوغدىغاچقا، بىز بۈگۈنكى دېموكراتىك تەيۋەنگە ئىگە بولغان. بىز دۈشمەنگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچىكى، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە تەييارلىقى كۈچلۈك، ھەر قانداق تەھدىت تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قوغداش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ؛ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1958-يىل خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ، جىنمىن ئارىلى ۋە مازۇ ئارىلىنى توپقا تۇتقاندا، تەيۋەن ئامېرىكانىڭ بومبا توسۇش تېخنىكىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.