تاجىكىستان - رۇسىيە رەھبەرلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشتى

تاجىكىستان بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلدى.

تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمان 1 - ئاۋغۇست كۈنى موسكۋاغا رەسمىي زىيارەت بىلەن كەلگەن بولۇپ، ئۇ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىنى 2024 - يىلىغىچە ئۇزارتىش ھەققىدىكى كېلىشىمنىڭ بۇ يىل كۈزدە تاجىكىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن تەسقىتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشچە، مەزكۇر بازا رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرلىكتە رۇسىيىنىڭ ۋە تاجىكىستاننىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. رۇسىيە تاجىكىستان ئارمىيىسىنى قورال - ياراق، ھەربىي تېخنىكا ۋە باشقىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، 2015 - يىلىغىچە رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاننى 150 - 200 مىليون دوللار قىممىتىدە ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلەپ، تاجىكىستان ئارمىيىسىنى قايتىدىن قوراللاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2015 - 2020 - يىللىرى تەمىنلەيدىغان ھەربىي سومما تېخىمۇ ئاشۇرىلىدۇ.

راخماننىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىشىدا ئۇنىڭ بۇ يىلقى سايلامدا يەنە ئۇتۇپ چىقىشىدا رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشمۇ مەقسەت قىلىنغان دەپ قارالماقتا.

ئىككى رەھبەر يەنە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تېررورچىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەمدە تاجىكىستان كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىدىكى ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئەمما ھەربىي ھەمكارلىق ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسىدۇر.