خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى تاجىكىستاننىڭ بىناكارلىق ساھەسىنى كونترول قىلىشقا كىرىشتى

خىتاينىڭ بىر قۇرۇلۇش شىركىتى تاجىكىستان قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ 70% كە يېقىن پاي چېكىنى سېتىۋالغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى تاجىكىستانغا 170 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش پلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنىڭدەك تاجىكىستاننىڭ بىر قىسىم مۇھىم بىنا قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتتۈرۈشنى زىممىسىگە ئالغان.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئۈستۈنلۈك قازانغان خىتاينىڭ «جېجياڭ ئاسىيا بىناكارلىق ۋە بېزەش شىركىتى» تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «تاجىكىستان ئاسىيا قۇرۇلۇش شىركىتى» بىلەن تاجىكىستان تۇپرىقىدا ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلار، ئاھالىلەر تۇرالغۇ ئۆيلىرى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، تاجىكىستان شىركىتىنىڭ 67% پاي چېكى خىتاي تەرەپكە ئۆتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر خىتاي شىركىتى تاجىكىستاننىڭ مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ، بۇ دۆلەتكە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان.

خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ تاجىكىستاندا پۈتتۈرىدىغان قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە تاجىكىستان دۆلەتلىك تىياتىرخانىمۇ بار ئىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە، خىتاي تەرەپ دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت باج ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىنالىرىنىمۇ قۇرىدىكەن.

تەھلىلچىلەر، خىتاينىڭ تاجىكىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆز تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قوشنا تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشلىرى، يول، كۆۋرۈك ۋە تونېللارنى ياساش، زاۋۇت-فابرىكا قۇرۇش قاتارلىق پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. نۆۋەتتە، تاجىكىستاننىڭ تاشقى قەرزى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇ خىتايغا بىر مىليارد دوللار قەرزگە بوغۇلغان ئىكەن.