تالىبانلار ھاكىمىيىتى خىتاينىڭ ياردىمى ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئىستىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

2021-يىلى تالىبانلار يېڭىۋاشتىن ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر دۇنيا مىقياسىدا بىرمۇ دۆلەت بۇ ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلمىغان. نەتىجىدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل بانكىلىرىدىكى توڭلىتىۋېتىلگەن توققۇز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلىغى تالىبانلار ھاكىمىيىتى ئۈچۈن «قول يەتمەس شاپتۇل» غا ئايلىنىپ قالغان.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تالىبانلار ھاكىمىيىتى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن سابىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل بانكا ھېساۋاتىدىكى مەبلىغىنى قولغا ئېلىشقا ئالدىرىماقتا ئىكەن. ئەمما تالىبانلارنىڭ تېرورلۇق بىلەن باغلىنىشلىق ئارقا كۆرۈنۈشى تۈپەيلىدىن ھېچكىم بۇ ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا، ھېچقايسى بانكا بۇ پۇلنى تالىبانلار ھاكىمىيىتىگە بېرەلمەيدىكەن. يەنە كېلىپ تالىبانلار ھاكىمىيىتىدىكى بىر قىسىم يۇقۇرى دەرىجىلىك مىنىستىرلار، جۈملىدىن مۇۋەققەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سىراجىدىن ھەققانى قاتارلىقلار تېخىچە فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ قارا تىزىملىكىدە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 15-يانۋاردا تالىبانلار ھاكىمىيىتى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكەندە، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقئارادا تالىبانلار ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا يول ئېچىش ھەققىدە ياردەم سورىغان. ۋاڭ يى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جازا ئارقىلىق ئافغانىستاندىن ئۆچ ئالماسلىقى كېرەك،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستاندىكى ئىقتىسادىي قەھەتچىلىك شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، سابىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى جاۋىد ئەھمەد قايىم ئۇدا يېرىم يىلغىچە ئافغانىستاندىن مۇئاش پۇلى كەلمىگەنلىكتىن 2022-يىلى يانۋارنىڭ بېشىدا خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.