تارىم دەرياسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.07

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا بولغان تارىم دەرياسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا «تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىم رايونىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۇ رايونغا سۇ قويۇپ بېرىش» ھەققىدىكى خەۋىرى بۇنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر شۇ كۈندىن باشلاپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئېكېلوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان. خەۋەردە بۇنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى 21-قېتىملىق سۇ قويۇپ بېرىش ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىن رايونىغا كۆپلەپ سۇ ئامبارلىرى ياساش ئارقىلىق تارىم دەرياسىنىڭ ئېقىن مىقدارىنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەم ئېقىن رايونىدىكى سۇغىرىش ئىشلىرى ھەرقاچان مۇشۇ سۇ ئامبارلىرىنىڭ «ئىلتىپاتى» غا قاراشلىق بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالغان. تېخىمۇ ئېغىرى بۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن قەدىمىي توغراقلىق رايونى قۇرۇپ كېتىشتەك پاجىئەلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. نۆۋەتتە بولسا بۇ ھال تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىغا سۇ بارماسلىقتەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «تارىم دەرياسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا دەريادۇر. ئانا دەريانىڭ سۈيىنى سۇ ئامبىرى قۇرۇش نامىدا بوغۇۋېلىش ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كېكىردەكتىن بوغقانلىقىغا باراۋەر،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.