خىتاي دائىرىلىرى تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.21

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئانا دەريا» دەپ قارىلىدىغان تارىم دەرياسى يېقىنقى يىللاردا غايەت زور كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش تۈپەيلىدىن سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەنىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «تارىم دەرياسىنى گۈللەندۈرۈش» پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تارىم دەرياسىغا بىر مىليونغا يېقىن سازاڭ بېلىق قويۇپ بەرگەن.

«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيەسى ئارال شەھىرىدە «يەركەن سازاڭ بېلىقىنى قويۇپ بېرىش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈپ، ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى بېلىق قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا تارىم دەرياسىدىكى بېلىق تۈرى زور دەرىجىدە قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.

گەرچە تارىم دەرياسىدىكى بېلىق تۈرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر قاتارىدا زىيادە بېلىق تۇتۇش ۋە باشقا چوڭ بېلىقلارنىڭ گۆشخورلۇق تەبىئىتى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، سان جەھەتتە تېزدىن ئېشىۋاتقان خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىنىڭ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەسلىدە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ياشايدىغان تارىم ۋە يەركەن دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان ئارال يېزىسىدا 1950-يىللاردىن باشلاپ بىڭتۈەن قۇرۇلۇپ، خىتاي ئاھالىلىرى يىلدىن يىلغا كۆپ يەرلىشىپ 2021-يىلى 430 مىڭ نوپۇسقا يەتكەن شەھەرگە ئايلانغانلىقى ئىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانىدى.

بۇ قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇخۇمدىن چىقىرىلغان بىر مىليونغا يېقىن بېلىجان قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم دەرياسىدىكى سۇ جانلىقلىرىنى قوغداش ھەرىكىتى قاتارىدا تەشۋىق قىلغان.

بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەرقايسى دېۋىزىيەلەر ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىشلىگەن «يېرى يوقنىڭ جېنى يوق» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا ئۇلارنىڭ تارىم دەرياسىنى قايسى دەرىجىدە خاراب قىلىۋەتكەنلىكى خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرىدىن قېلىشمايدىغان زىيانكەشلىك ئىكەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.