خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 3 يىلدا تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى تارىم ۋادىسىدا جىددىي مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان 3 يىل ئارىلىقتا تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، رايوننىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى قىسمەن بولسىمۇ ياخشىلاشنى كۆزلىمەكتىكەن. بۇ خىزمەتتە ئاساسلىق تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى بولغان يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسى قاتارلىق 4 دەريا بويىدىكى توغراقلىقلار ئاساسىي نىشان قىلىنىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلگىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، 1950-يىلىدىن بۇيان رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىش ۋە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن تارىم دەرياسىغا تۇتۇشىدىغان كۆپ ساندىكى دەريا ئېقىنلىرى قۇرۇپ كەتكەنلىكى، يەر ئاستى سۈيى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن زور مىقداردىكى توغراقلىقلارنى قۇم بېسىپ ۋە قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

تارىخى مەنبەلەردىن قارىغاندا، 1950-يىللاردىن ئېتىبارەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى 1-دېۋىزىيەسىنىڭ 16 پولكى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى رايونى، يەنى ئارال قاتارلىق رايونلارنى مەركەز قىلىپ، كورلانى ئاساس قىلىپ يەرلەشتۈرۈلگەن، 2-دېۋىزىيەنىڭ 14 پولكى بولسا كورلانى ئاساس قىلىپ، دەريانىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرى رايونىنى كونترول قىلغان ئىكەن. ئەنە شۇلار جايلاشقان رايونلاردىكى نۇرغۇن توغراقلىقلار قۇرۇپ كەتكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى گۇربانتۇنگۇت قۇملۇقىدا ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدا ئۆسىدىغان بىر خىل قىسقا ئۆمۈرلۈك ئۆسۈملۈكنى تەتقىق قىلىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇملۇقلاردا ۋە سۇ مول بولغان ئوخشىمىغان شارائىتلاردا ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، بۇنىڭ سىرى ھەققىدە نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇملۇقلاردا ۋە تارىم دەريا بويىدىكى توغراقلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇنچە ئەھمىيەت بېرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ قۇرۇلۇشى ۋە كۆكەرتىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجراتقان، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تىبەت ئېگىزلىكىدىكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاپ، كەلگۈسىدە بۇ رايونغا زور ساندا ئاھالە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت