تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاممىۋى «ھەرىكەت تورى» مۇ پائالىيەت باشلىغان
2025.01.24
ئامېرىكا ۋە كانادانى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان «ھەرىكەت تورى» (Action Network) يېقىندا، تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن 48 ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلغان.
«خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇرلارنى جىددىي قۇتقۇزايلى» ناملىق بۇ چاقىرىقتا، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ شۇ دۆلەت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىشى تەلەپ قىلىنغان.
چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھازىر تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەت ئالماشقان بۇ پەيتتە خەلقئارا قارشىلىقتىن ساقلىنىدىغان يوچۇق ئىزدەۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشقا دەرھال ئارىلىشىپ، ئىنسانلارنى دۇنيادىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويىدىغان خەتەرلىك ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز».
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپى يەنىلا زور بولۇپ، ئۇلار ئون نەچچە كۈندىن بېرى ئاچلىق ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇلار ھازىرمۇ ئېغىر تەھدىت ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ ناچارلاشقان. ئۇلار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىشقا دەرھال ئارىلىشىپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى سورىغان.
«ھەرىكەت تورى» 2012-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنى مۇھىم سىياسىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىدىغان خالىس تەشكىلات ئىكەن. ئۇلار تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن لايىھەلىگەن تور سەھىپىسىدە ھەر قايسى دۆلەتتىكى كىشىلەرنى پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يازىدىغان كۆزنەك ئاچقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ خەت يازغانلار 2000 دىن ئاشقان.