27-فېۋرال كۈنى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاترا، 3-مارت دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئىش قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېتوڭتارىن شىناۋاترا: «ئەمەلىيەتتە بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەممە ئىشنى توغرا قىلدۇق» دېگەن. شىناۋاترا بۇنىڭ ئالدىدا يەنى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ 40 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئۇلارغا ياخشى قارايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. تايلاند باش مىنىستىرى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەجلىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى، كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەلىك پەۋقۇلئاددە كومىتېتى تايلاند ئەمەلدارلىرىنى كونكرېت ھەرىكەت ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان بىر پەيتتە قايتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلىغان.
شۇ كۈنى، ئاۋسترالىيە مۇساپىرلار كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە مۇساپىرلار كېڭىشى بۇ يىل 1-ئايدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن. باياناتتا، بىر قانچە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كىشىلەرنى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى ئارقىلىق، 3-بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ بۇ كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى رەت قىلىنغانلىقى تەنقىدلەنگەن.
تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتقان. 27-فېۋرال كۈنى تاڭ سەھەردە باڭكوكتىكى سامپىلۇ كۆچمەنلەر مەركىزىدىن 6 ئاپتوموبىل باڭكوك دوڭميوڭ ئايرودرومىغا قاراپ يولغا چىققان، ئارقىدىنلا «جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتى» نىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ دوڭميوڭ ئايرودرومىدىن ئۇدۇل قەشقەرگە قاراپ ئۇچۇشى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مۇشۇ ئايروپىلاندا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەنىدى.
