ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئەسلىدە تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپى سۇنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.03.05

تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى. تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پۇمتام ۋىچاياچاي (Pumtham Wechayachai) بۇ قىلمىشىغا بەرگەن چۈشەندۈرۈشىدە، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ خېلى بۇرۇنلا تايلاندقا 48 ئۇيغۇر مۇساپىرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بىلدۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمىتى تايلاندقا ئۇ يەردە 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ، تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغان ھەم بۇ توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.

«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ئىشنى بىلىدىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى ئۇيغۇرلارنى ئاشۇنداق قايتۇرۇش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ يىللاردىن بېرى تايلاند بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە 48 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كانادا بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىستىخبارات ساھەسىدىكى 4 كىشى كانادا بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭمۇ 48 ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تايلاند خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دەز كېتىشىدىن قورقۇپ، بۇ تەكلىپلەرنى باستۇرۇپ قويغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان.

«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان؛ ھالبۇكى، 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە تايلاندنىڭ كانادا ۋە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، 2024-يىل دەم ئېلىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى تايلاند پارلامېنتىدا سېناتور بولغان بولغان پىسان ماناۋاپات (Pisan Manawapat) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاز دېگەندە ئۈچ دۆلەت ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپى سۇنغان. ئەمما پىسان ماناۋاپات ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.