تايلاندتا قېپ قالغان 8 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلارغا ئوخشاش تەقدىرگە قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.03.12

يېقىندا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىدىن كېيىن، تايلاندتا قېلىپ قالغان 8 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى يەنىلا ئېنىقسىز ئەھۋالدا تۇرماقتىكەن. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇلارنىڭمۇ 27-فېۋرال كۈنى خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرغا ئوخشاش تەقدىرگە قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

تايلاند ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى قانۇن، ئەدلىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كاناۋې سيۇبساڭ «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە جازاسىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمىدىكى بەش ئۇيغۇر ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلارنىڭ جازاسى توشقاندىن كېيىن، كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. بۇ بىر ئاز ئەندىشە قىلارلىق، چۈنكى، ئەگەر خىتاي يەنە بېسىم قىلسا، بۇ بەشەيلەن قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ خەتەر ئىچىدىكى كىشىلەر بولىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەش ئۇيغۇرنىڭ جازا مۇددىتى 2029-يىلى توشسىمۇ، ئەمما بۇ بەشەيلەن تايلاند پادىشاھىنىڭ ھەر يىلقى خان جەمەتى بايرام كۈنى ئېلان قىلىدىغان مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكىگە كىرىپ قالسا، ئۇلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

تايلاند «تىنچلىق ھوقۇقى فوندى» نىڭ پىروگرامما دىرېكتورى كرىتاپورىن سېمسانتاد «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ مۇخبىرىغا، خىتاينىڭ قېلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىمۇ قايتۇرۇپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، «بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىمىز» دېگەن. نۆۋەتتە، تۈرمىدىكى بەش ئۇيغۇردىن سىرت، قالغان3 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما پارلامېنت ئەزاسى كاناۋې ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ 3 ئۇيغۇرنىڭ تايلاندقا باشقا دۆلەتتىن كېلىشى، ئۇلارنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇر بىلەن بىللە خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن توسۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كاناۋې سيۇبساڭ، «بىراق بىز يەنىلا بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئۇلار ئاشكارىلىنىپ قالدى. يەنى ئۇلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار تارقىلىپ بولدى» دېگەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە 40 ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ قايتۇرغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما تايلاند خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.