تايلاند دائىرىلىرى تۈرمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى جىددىي ئىزدىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-11-21
Share

20-نويابىردا تايلاندنىڭ سوڭكلا ئۆلكىسىدىكى چېگراغا يېقىن بولغان بىر يىغىۋېلىش مەركىزىدىن 20 ئۇيغۇر قېچىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ۋەقە تايلاند ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى پات-پاراق قىلىۋەتكەن.

تايلاندتىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «دۆلەت» گېزىتىنىڭ 21-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تايلاند باش ساقچى مەھكىمىسى ئۇيغۇر مەھبۇسلار قاچقان يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ ئالتە ساقچى ئەمەلدارىنى «مەسئۇلىيەت تەكشۈرۈشى» ئۈچۈن چاقىرتىپ كەتكەن. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاند ھۆكۈمىتىدىن «قېچىپ كەتكەن 20 ئۇيغۇرنى تېزدىن ‹ئادالەت سوتى› غا قايتۇرۇپ كېلىش» نى تەلەپ قىلغان. رويتېرسنىڭ تايلاند ساقچى دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ ئۇيغۇرلاردىن 5 كىشى تۇتۇلغان بولۇپ، 15 ئۇيغۇر داۋاملىق قېچىپ يۈرمەكتە ئىكەن. 

تايلاند دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي تەرەپ: «بۇ ئۇيغۇرلار ئەسەبىي دىنىي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاتلانغانلار» دېگەن پىكىرگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق قوراللىقلار گۇرۇھىغا باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تايلاندنىڭ چۇلاراجمونتى رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ لىدېرى، دوكتور ۋىسۇت بىنلاتىھ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «قاچقان ئۇيغۇرلار خوتۇن-بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن قاچتى» دېگەن. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قېچىشقا مەجبۇر بولغانلار» دېگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قاچقۇنلۇق سەپىرىدە تايلاندتا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە ھېچنەگە كېتەلمەي، تايلاندنىڭ يىغىۋېلىش مەركەزلىرىدە تۇرۇۋاتقان 61 نەپەر ئۇيغۇر بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت