تايلاند پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
2025.01.29
تايلاند پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى نۆۋەتتە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، 2013-يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان.
تايلاندنىڭ ئىنگلىزچە خەۋەرلەر تورى بولغان «تايلاند دۆلىتى» (Nation Thailand) -29يانۋار ئېلان قىلغان خەۋەرگە كۆرە، تايلاند كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاڭخانا نېلاپاجىت (Anghana Neelapaijit) باشچىلىقىدىكى كومىتېت ئەزالىرى تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پۇمتام ۋىچاياچا (Phumtham )بىلەن كۆرۈشۈپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، داۋالاش ھەمدە ئۇلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان.
كومىتېت رەئىسى ئاڭخانا نېلاپاجىت تايلاندا ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئاجىزلاپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى بىلدۈرۈپ: «كومىتېتىمىز تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ مۇساپىرلارنى ئۇزۇن مۇددەت باقالماسلىقىدىن، باشقۇرۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا» دېگەن. ئۇ خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنى بۇ ئىشقا يېقىن تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۇ مۇساپىرلارنى خەتەرلىك جايغا يوللىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشقا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرگەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ تايلاندنى بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغانىدى. نۆۋەتتە فېسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا، تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغان بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالماقتا.