باڭكوكتىكى بومبا ھۇجۇمىدا ئۇيغۇرلارغا چېتىلىپ قالغان ئايال قويۇپ بېرىلگەن

2015-يىلى 17-ئاۋغۇستتا تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى يېرېۋان (Erawan) بۇتخانىسىدا بومبا پارتلىتىش يۈز بېرىپ، 14 كىشى ئۆلۈش، يۈز نەچچە كىشى يارىلىنىشتەك ئاقىۋەت كېلىپ چىققان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىلال مۇھەممەد (ئادەم قاراداغ) ۋە يۈسۈپ مىرئەلى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر بۇ ۋەقەگە جاۋابكار، دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئېلىنغان. بۇ ئىككىيلەننىڭ باڭكوكتا تۇرالغۇ ئۆي تېپىشىغا ياردەملەشكەن ۋاننا سۋانسان (Wanna Suansan) ئىسىملىك ئايالمۇ شۇ قاتاردا جىنايەت گۇماندارى، دەپ قارىلىپ 2017-يىلى نويابىردا قولغا ئېلىنغان. 7-نويابىر كۈنى باڭكوك سوتى بۇ ئايالنى «گۇناھسىز» دەپ جاكارلىغان ھەمدە قويۇپ بەرگەن.

«بېنار خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاننا سۋانساننىڭ بومبا پارتلاشتىن بۇرۇنلا تۈركىيەلىك ئېرىگە ئەگىشىپ تۈركىيەگە ساياھەتكە كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ بومبا پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىدىغان ھېچقانداق پائالىيەتتە بولمىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلار سوت مەھكىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باش سوتچى مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىپ، «ۋاننا خانىمنىڭ بۇ دېلوغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ئۇ قويۇپ بېرىلسۇن» دېگەن. ۋاننا خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «مەن بۇ كۈننى كۈتۈۋاتقىلى يەتتە يىل بولغان ئىدى. ئاخىرى بۈگۈن ‹ئۇھ› دەپ بىر نەپەس ئالدىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن 100 نەچچە كىشىنى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بومبا پارتلىتىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان، دەپ قارالغان. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى بومبا پارتلىتىش ھەققىدە نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق نۇقتىلار ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.