تايلاند مۇسۇلمانلىرىنىڭ لىدېرى: «ئۇيغۇرلارنىڭ قاماقخانىدىن قېچىشى تايلاند ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پايدىلىق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.20

تايلاندنىڭ سوڭلا ئۆلكىلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 25 ئۇيغۇرنىڭ قاماقخانىدىن قېچىشى ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تايلاندنىڭ چۇلاراجمونتى رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ لىدېرى، دوكتور ۋىسۇتى بىنلاتىھ بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتىدا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىن قېچىشىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، يەنى بۇنىڭ تايلاند ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور ۋىسۇتى باياناتىدا يەنە مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانى ئەمەس، بەلكى سىياسىي زۇلۇمنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ يەنە باياناتىدا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تار بىر قاماقخانىدا ئۇزۇن مەزگىل يېتىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يەرلىشىشىگە يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. دوكتور ۋىسۇتنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، تايلاندىكى مۇسۇلمانلار تايلاند ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنى ئىزچىل ھالدا تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.