تايلاند ساقچى تەرەپ باڭكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان گۇماندارنىڭ ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن، يەنى 7-سېنتەبىر بايانات بېرىپ، باڭكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغان ئىككى گۇمانداردىن بىرىنىڭ «ئىقرار» قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى پراۋۇت تاۋورنسېرى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «گۇماندار يۈسۈپ مىرئەلى ئۆتكەن ھەپتە كامبودژا چېگراسىغا يېقىن جايدا قولغا چۈشتى. بىز ئۇنى جىنايى جاۋابكارلىق بويىچە سوراق قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى.»

تايلاند ساقچى تەرەپ ئۆتكەن ھەپتە گۇماندار يۈسۇپ مىرئەلىنىڭ خىتاي پاسپورتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ پاسپورتىدا تۇغۇلغان جاينىڭ «شىنجاڭ» دەپ يېزىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ھالبۇكى، تايلاند ساقچى تەرەپ بۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا «ئىقرار قىلدى» دەپ ئېلان قىلغان گۇماندار يۈسۈپ مىرئەلىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچمىغان.

مەلۇمكى، 17-ئاۋغۇست باڭكوكتا پارتلاش يۈز بېرىپ 20 كىشى ئۆلگەندىن كېيىن تايلاند ساقچى تەرەپ مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ ئەينى چاغدا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا مەزكۇر ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا باغلىشى جامائەتچىلىكتە كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ گۇماندارنىڭ «ئىقرارى» ھەققىدىكى ئىنتايىن زىددىيەتلىك بايانلىرى تېخىمۇ زور شۈبھە قوزغىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچىلار مەزكۇر دېلو ھەققىدە تايلاند بىلەن خىتاينىڭ مەخپىي ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار، ئەگەردە باڭكوكتىكى پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقى ئۇيغۇرلارغا ئارتىلسا تايلاند 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خەلقئارا بېسىمدىن قۇتۇلىدۇ؛ خىتاي بولسا ئۇيغۇرلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خەلقئاراغا «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ، دېگەنلەرنى تەكىتلىمەكتە.