خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 26-ئىيۇل كۈنى خىتايدىكى ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شاۋدۇڭنىڭ خىتايدا بۇ يىل ياز پەسلىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن، بوران ئاپەتلىرى ھەققىدىكى باياناتىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە نۇقتىلىق ھالدا 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن7-ئاينىڭ 26-كۈنىگە قەدەر شىمالىي خىتاي رايونى، شەرقىي شىمال رايونى ۋە شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىدا يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن، تەيفىڭ بورىنى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنىپ، 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 137 مىليون ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، 26-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 9 غا قەدەر ھەر خىل ئاپەتلەردە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1074 ئادەمگە يەتكەنلىكى، 400 مىڭ ئېغىز ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، 6 مىليون 240 مىڭ ئادەمنىڭ يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ۋە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننىڭ 300 مىليارد سومغا يېقىن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.
ئەمما، خىتايدىكى ئاپەت رايونلىرىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي پۇقرالىرى ئاپەت ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، بەزى كەنت، يېزىلارنىڭ قاتتىق يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈندە پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئازايتىپ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن سىنا قاتارلىق بىرقانچە تور بېكىتى ئاۋۋال ئۆز ئالدىغا خەۋەر بەرمەسلىككە، ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، 25-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ سىنا، سوخۇ، سۇمۇرغ قاتارلىق تور بېكەتلىرى بۇيرۇق بىلەن تاقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.