ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە گاز يۆتكەش مىقدارى ئاشماقتا

خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە «كۆمۈر گازى ئورنىغا تەبىئىي گاز ئىشلىتىش» ئومۇملاشقاندىن بۇيان تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياج تېزدىن ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز زاپىسى جىددىي ئېشىشقا باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ بۇ يىل قىش پەسلىدىكى تەبىئىي گاز ئېھتىياجى ئ‍ۈچۈن «غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش» قۇرۇلۇشى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمى مىقدارى پۈتكۈل خىتاينىڭ ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، كۈنلۈك قېزىلىش مىقدارى 95 مىليون كۈپ مېتىر ئىكەن. «سىنا تورى» نىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بولسا نۆۋەتتە شاڭخەي شەھىرىدە بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ سېتىلىش باھاسى ئۈچ سوم ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىدىن كۈنىگە 44 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە تەبىئىي گاز يۆتكەلمەكتىكەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزىدىكى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرنىڭ زىمىستان قىشتا ئىسسىنغۇدەك كۆمۈر ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەي يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئانالىزچىلار «بۇ تارىختىكى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ يەرلىك خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتلارنىڭ بىرى» دەپ كۆرسەتتى.