ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان كۆمۈر بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان توك بىتكويىن تەڭگىسىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن

بلومبېرگ تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېتكويىن تەڭگىسىنى ياساش ئۈچۈن كېتىدىغان ئەرزان باھالىق توك، ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان ئەرزان باھالىق كۆمۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بىتكويىن تەڭگىسى خىتاينىڭ شىنجاڭ دېگەن جايىدىن چىقىدىغان ئەرزان باھالىق كۆمۈر بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان توك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم تۈپەيلىدىن›شىنجاڭ‹نىڭ سېسىق نامى پۇر كەتتى. ھالبۇكى بۇ رايون بىتكويىن ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىدۇر. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىل 4-ئايغا قەدەر دۇنيادىكى بىتكويىنلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان، ئۇنىڭمۇ يېرىمى دېگۈدەك شىنجاڭدا ئىشلەپچىرىلغان».

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ بىتكويىنلارنى ياساش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىدىغان كومپيۇتېرلار ئەرزان باھالىق توكقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، «خىزمەت ئىسپاتى» دېگەندەك مۇرەككەپ تەڭلىمە بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ئۈچىنچى تەرەپ ئوتتۇرىدا بولمىغان ئەھۋالدا سودىنى بېكىتىدىكەن، بۇنىڭغا كۆمۈر كان خوجايىنلىرىمۇ چىقىم قىلىدىكەن. غەرب ئەللىرىدە كۆمۈر ئىسىنى يوقىتىش تەشەببۇس قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر قالاپ ھاۋا بۇلغاش ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان زاۋۇتلار كۆپ ئىكەن.

بىتكويىن 2008-يىل كەشىپ قىلىنغان رەقەملىك پۇل بولۇپ، يېقىندا تېسلا شىركىتىنىڭ باشلىقى، داڭلىق كارخانىچى ئېلان ماسك (Elon Musk) نىڭ بۇ سودىغا قېتىلىشى بىلەن بىتكوين تەڭگىسىنىڭ قىممىتى 50 مىڭ دوللارغا يېقىنلاپ قالغان.