تەڭرىتاغ تور نىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تارىم نېفىتلىكىدىكى كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى 22-نويابىر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ ئامبار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن ۋە باشقا جايلاردىكى ئاھالىلەرگە گازى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، 590 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ساقلىيالايدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسىغا جايلاشقان بۇ تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى تارىم نېفىتلىكى كۆكيار تەبىئىي گاز ئېلىش مەيدانىنى ئاساس قىلىپ قۇرغان تەبىئىي گاز ئامبىرى بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىدا تۇنجى بولۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تەبىئىي گاز ئامبىرى ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم ئويمانلىقىدىن ئىچكىرىگە توشۇۋاتقان تەبىئىي گاز بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 500 مىليون ئاھالىنى قامداۋاتقان بولسىمۇ، بۇ بايلىقلارنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەرگىچە قىشلىق ئىسسىنىش ۋە يېقىلغۇ مەسىلىسى ھەل بولماي كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن چىقىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىدىن بۈگۈنگە قەدەر بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى مەلۇم.
تارىم-شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، 2004-يىلى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ شاڭخەينى گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان ئىدى. خىتاينىڭ 2000-يىللىرى باشلانغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولىنىڭ، تۇرپاندىن نىڭشيانىڭ جوڭۋېي شەھىرىگە تۇتۇشىدىغان 4-لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلىكى، 2024-يىلى 29-سېنتەبىر كۈنى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن. چەتئەلدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار بۇ قۇرۇلۇشلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خەلقئارا مۇھىت قوغداش ئورگانلىرىمۇ گاز تۇرۇبىسى ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ تەھدىت ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.