ساياھەتچىلەرنىڭ «لوپنۇر تەبىئىي قوغداش رايونى» غا بېرىشىنىڭ چەكلىنىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.05.10

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 9 ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «لوپنۇر تەبىئىي قوغداش رايونى» نى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ بۇ يىل باھار پەسىلدىن باشلاپ كۈچەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي قوغداش ئىدارىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بۇ جايدا كوللېكتىپ ۋە شەخسى ساياھەت قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چۈنكى بۈگۈن «لوپنۇر تەبىئىي قوغداش رايونى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايون ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 يىلىدىن باشلاپ 40 قېتىمدىن ئارتۇق يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان يادرو تەجرىبە بازىسى بولۇپ، يادرو سىنىقى بۇ رايوننىڭ سۇ ۋە تۇپرىقىنى قاتتىق بۇلغاپ، رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تالاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەرنى ئىزچىل چەكلەش بىلەن بىرگە بۇنى يەنە ئاۋام خەلقتىنمۇ مەخپىي تۇتۇپ، ئۇلارنى بۇ رايوندىكى يادرو رادىياتسىيەسىنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرماي كەلگەن ئىدى.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە بۇ قېتىملىق ئۇقتۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى رايوندىكى ياۋا تۆگىلەرنى قوغداش ئۈچۈن دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ تېگىدە باشقا بىر ماھىيەتلىك سەۋەبنىڭ بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

قىزىقارلىقى شۇكى، بۈگۈن ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورى بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاتۇشتىكى بارلىق ئىدارە - ئورگان ۋە مەكتەپ ئورۇنلىرىنىڭ يېقىندا خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن شەنشى ئۆلكىلىك رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىكتە ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە فىلىمى «جۇڭگو يادرو بومبىلىرىنىڭ ئاتىسى - چيەن شۆسېن» دېگەن فىلىمنى كۆرۈشسكە ئورۇنلاشتۇرغان. چيەن شۆسېن ئامېرىكىدا ئوقۇغان خىتاي ئالىمى بولۇپ، ئۇ 1960-يىللاردا خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ياساپ لوپنۇردا سىناق قىلىشقا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان كىشىدۇر. ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا بۇ فىلىمنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە 19- قۇرۇلتاي روھىغا ئاساسەن ئاللىقاچان قويۇلۇپ تەشۋىق قىلىنغانلىقى، ئاتۇشتىكى ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.