ئامېرىكا خىتاينىڭ «تېمۇ» تور بازىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك تەكشۈرمەكتىكەن

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ «تېمۇ» تور بازىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىدا سېتىۋاتقانلىقى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسلىرى «تېمۇ» نىڭ رىقابەت قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىدا سېتىپ، ئادالەتسىز رىقابەتتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى، ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشتا قۇللۇق ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى «تېمۇ» نىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەنلىكى، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «تېمۇ» غا قارىتا تېخى بىرەر تەدبىر قوللانمىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«تېمۇ» 2022-يىلى ئامېرىكا بازىرىغا ئېچىلغاندىن بېرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىدا كىيىم-كېچەكتىن ئاچقۇچ ۋە ئائىلە جاھازلىرىغىچە بولغان خىلمۇخىل مەھسۇلاتلارنى سېتىپ كەلمەكتە. «نيۇ-يورك پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، «تېمۇ» 25-نويابىر كۈنى بىر «ئالىي سۈپەتلىك توشقان يۇڭى ئەدىيالى» نى 12. 05 دوللارغا ساتقان بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى ئامازون تور بازىرىدىكى ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىنمۇ ئەرزان ئىكەن. خەۋەردە، «تېمۇ» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ «گۇمان قىلارلىق» دەرىجىدە ئەرزان بولۇشىنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى چۆچۈتۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭ يەنە «قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ» دېگەن سوئال پەيدا قىلغانلىقى، بىر سابىق ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارىنىڭ «بۇنىڭ پەقەت ئەرزان باھالىق پاختا ھەم ئەمگەك كۈچى بىلەنلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ «بىز ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ‹تېمۇ› ئىشلەتكەن پاختىنىڭ شىنجاڭدىن كەلمىگەنلىكىنى ‹تېمۇ›نىڭ ئۆزى بېكىتىشىگە يول قويماقتىمىز» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر «تېمۇ» نىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتامۇ DNA لىق ئەدلىيە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.