«تېمۇ» شىركىتى 55 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي زەربىگە دۇچ كەلدى
2024.08.27
خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور بازىرىدىن بىرى بولغان «تېمۇ» شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى بولغان «پىندۇدۇ» چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى (PDD) 27-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزلىرىنىڭ نيۇ-يورك پاي چېكى بازىرىغا سالغان پايلىرىنىڭ 55 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممەتتە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزكۇر شىركەت 2018-يىلى ئۆزلىرىنىڭ پايچەكلىرىنى بازارغا سالغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور چېكىنىش بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئومۇمى مەبلىغىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان.
PDD نىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى چېن لېي بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بىز ھازىر كۆپلىگەن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ خېرىدارلارنىڭ تەلەپلىرى، كۈچىيىۋاتقان رىقابەت ۋە خەلقئارا مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەر بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب» دېگەن. شۇنىڭدەك «تىك-توك» ۋە «ئەلى بابا» شىركەتلىرىنىڭ غايەت زور ساندىكى خېرىدارلارنى ئۆزىگە تارتىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
«بلۇمبېرگ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا «شېين» (Shein) گۇرۇھى بىلەن بىرلىكتە راكېتاسىمان شەكىلدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىمۇ ئەڭ كۆپ ئورنىتىلغان تېلېفون ئەپلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ پاي چېكى بازىرىدىكى تىك موللاق شەكلىدە تۆۋەنلىشى مەلۇم بولغاندىن كېيىن PDD غا مەبلەغ سالغۇچىلار بەكمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلغان. بولۇپمۇ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا مال باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان «تېمۇ» شىركىتىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا دۇچ كېلىشى، خىتاي ئىقتىسادىدىكى يەنە بىر ئاجىزلىقنى ئاشكارا قىلدى، دەپ قارالغان.
«ياخۇ خەۋەرلىرى» دە ئېيتىلىشىچە، PDD پاي چېكىنىڭ بۇنداق زور نىسبەتتە تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىستېمالدىكى ئۆزگىرىشلەر ئىكەن. بولۇپمۇ ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا بارغانسېرى ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان ئىشسىزلىق ۋە مائاش قىسقارتىش ھادىسىسى خىتايدىكى ئىستېمالنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويغان. شۇنداقلا نۇرغۇن ئىستېمالچىلار پۇلنى خەجلەشتىن كۆرە ئامانەت قويۇشقا بەكرەك مايىل بولۇشقا باشلىغان. بۇ ھال ھازىر نۆۋەتتىكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بىر يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان جانلىق ئەينەك، دەپ قارالماقتا.