مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 2-ماي كۈنى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 11 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن ئالىمجان، ئابلىمىت، دىلشات قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى 5-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالىمجان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى تۇتقۇن مەزگىلىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدىكى ئالىمجاننى بىر ھەپتە ئىلگىرى كۆرگەن بىرەيلەن ئۇنىڭ يۈزىنىڭ تاياق زەربىسىدىن كۆكىرىپ كەتكەنلىكى ھەم يۈزىدە يارا ئىزلىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ستۇدېنت ساقچىخانىنىڭ نەم يەر ئاستى ئۆيىگە سولانغان بولۇپ، باشقا ئىككىيلەننىڭمۇ ئالىمجانغا ئوخشاش تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
ئۇلارنىڭ 25-ماي كۈنى سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما 28-مايغا قەدەر سوت ئېچىلمىغان. ئۇلار خوتەن لوپ ناھىيىسىدىن كەلگەن، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى زوئولوگىيە كەسپىنىڭ 2008-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئابلىمىت، ئورمانچىلىق كەسپى 2008-يىللىق ئوقۇغۇچىسى دىلشات ۋە قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىدىن كەلگەن 2010-يىللىق كومپيۇتېر كەسپى سىنىپى ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
