چىرا ناھىيەسىدە «دېھقان-چارۋىچى ئاممىنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئوقۇش باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.27

چىرا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا بېسىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، چىرا ناھىيەسىدە 21-دېكابىر كۈنى، «دېھقان-چارۋىچى ئاممىنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئوقۇش باشلىغان.

خەۋەردە بۇ كۇرستا دېھقان-چارۋىچى ئاممىسىنىڭ قۇرۇلۇش، توكچىلىق، ئاشپەزلىك، ھۆسن تۈزەش ۋە ساتىراشلىق، ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىي قاتارلىقلار بويىچە «تەربىيە» لىنىدىغانلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ كۇرسلارغا ناھايىتى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆزلۈكىدىن كېلىپ تىزىملاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى «قايتا تەربىيە مەركىزى» نامىدىكى لاگېرغا قامىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ «لاگېر» لىقىنى رەت قىلغان ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش ئورنى» ئىكەنلىكىنى بازارغا سېلىشقا باشلىغان ئىدى.

يۇقىرىقى خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان بۇ «كۇرس» لارنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش ئورنى»، يەنى «يېپىق تەربىيە لاگېرى» ئىكەنلىكى ياكى تۇتقۇنلار ئاخشىمى ئۆيلىرىگە قايتالايدىغان «ئوچۇق تەربىيە لاگېرى» ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما خەۋەردە «كۇرس» قا بىرىنچى تۈركۈمدە 1500 دىن ئوشۇق كىشىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە «تەربىيە» لىنىدىغانلارنىڭ داۋاملىق كۆپەيتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.