خىتاي ھۆكۈمىتى چۆچەكنى نۇقتىلىق تەرەققىيات رايونى قىلىپ بېكىتتى

15-دېكابىر كۈنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، چۆچەك شەھرىنى سىناق تەرىقىسىدە «نۇقتىلىق تەرەقىيات رايونى» قىلىپ ئېچىش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 15-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى تېخىمۇ ياخشى داۋام قىلدۇرۇش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەمىنلىكنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ قارارنى قوبۇل قىلغانىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، چۆچەك رايونى نۆۋەتتە بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلاردىن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى يەنە بىر ياقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەرەققىيات رايونلىرىنى ئېچىشى يېڭى ئىش ئەمەس. شۇنداقلا ھېچقاچان يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنمۇ ئەمەس» دېدى. يەنە بەزىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۆججىتىدە بۇ قارارنى «ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىم كاپالىتى» دېگەنلىكىگە ئاساسەن 1940-يىللاردىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» مەۋجۇت بولغان رايونلارنىڭ بىرى بولغان چۆچەك شەھرىنى «تەرەققىيات رايونى» قىلىپ ئېچىشىنى «كۈچلۈك سىياسىي مۇددىئانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.