كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «تېرمو فىشېرنىڭ ‹شىنجاڭ› غا بىئو-تېخنىكا سېتىشنى توختىتىشى يېتەرلىك ئەمەس»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.27

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىدىكى تېرمو فىشېر شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بىئو-تېخنىكا ئەسۋابلىرىنى سېتىشنى توختىتىشىنىڭ زۆرۈر، ئەمما يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، تېرمو فىشېر شىركىتىنىڭ قارارىدا نۇرغۇن ھالقىلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تېرمو-فىشېر شىركىتى ئۇيغۇر رايونىغا تېخنىكا سېتىشنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا تېخنىكىسى خاتا ئىشلارغا ئىلىتىلگەن باشقا شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالى، تېرمو فىشېرنىڭ بۇ سودىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدىغانلىقى شۇنىڭدەك باشقا ئۆلكىلەردىكى خىتاي ساقچىلىرىغا تېخنىكا سېتىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەجھۇل ئىكەن.

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق 34 مىليون كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، غايەت زور DNA ساندىنى قۇرۇپ چىققانلىقى، بۇنىڭدا تېرمو فىشېر شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە سېتىپ بەرگەن DNA رەتلەش ئەسۋابىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تېرمو فىشېر شىركىتى شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىئو-تېخنىكىسى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر شىركەت «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا «بىز خېرىدارلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى قانداق ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكى ياكى ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز» دېگەن ئىدى.

سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتايدا سودا قىلىدىغان شىركەتلەر دائىرىلەرنىڭ بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئېغىر دەپسەندىچىلىك سادىر قىلمايدۇ دېگەن خام خىيالدا بولماسلىقى كېرەك» ئىكەن.

ئۇ خىتايدىكى خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ كىم بىلەن سودا قىلىۋاتقانلىقىنى، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىنىڭ قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى دەرھال كۆزدىن كەچۈرۈشى، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرقانداق بىر ئالامەت بايقالسا، بۇ سودىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.