2021-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا تېخنىك تەربىيەلەش مەكتەپلىرى داۋاملىق قۇرۇلماقچىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.02.02

خىتايچە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرال تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش» دېگەندەك بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى» دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، «ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش» ئۈچۈن جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ ھەر بىر ناھىيەسىدە بىردىن تېخنىك تەربىيەلەش مەكتىپى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تېخنىك خادىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەيدىغانلىقى، كەسىپىي خادىملارنى ئېھتىياجلىق يەرلەردە خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، كەسىپىي ئۇنۋان باھالاشتا «قاراتمىلىق باھالاش، قاراتمىلىق ئىشلىتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى ھەر بىر ناھىيەدە قۇرماقچى بولغان تېخنىك تەربىيەلەش مەكتەپلىرى خىتاي تاراتقۇلىرى ئىلگىرى «كەسىپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېر مەكتەپلىرىنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي دائىرىلىرى «بىز يىللاردىن بېرى مۇشۇنداق كەسىپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى قۇرۇۋاتىمىز» دېگەن تەشۋىقاتنى قىلىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىنكەن. ئەگەر بۇ مەكتەپلەر ھەقىقەتەن «تېخنىك تەربىيەلەش مەكتىپى» بولسا، بۇ مەكتەپلەر لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ تەربىيەلەيدىغان، «تېخنىكا ئۆگىتىش» بىلەن مېڭە يۇيۇشنى بىرلەشتۈرىدىغان يېڭى تىپتىكى «كەسىپىي تەربىيەلەش مەركىزى» بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.