تەيۋەندىكى گومىنداڭ رەئىسى «گومىنداڭ - كومپارتىيە سۆھبىتى»گە قاتنىشىدۇ


تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيەسى رەئىسى جۇ لىلۈن ئۆزىنىڭ مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، 2 - 3 - ماي كۈنلىرى شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئىككى قىرغاق سودا - ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مۇھاكىمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى قىرغاق سودا - ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مۇھاكىمىسى ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ - كومپارتىيە سۆھبىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت دائىم گومىنداڭ - كومپارتىيە سۆھبىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب مەزكۇر پائالىيەتنى تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كومپارتىيە بىۋاسىتە ۋە بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئىكەن.

گومىنداڭ - كومپارتىيە سۆھبىتى ئالدى بىلەن گومىنداڭ پارتىيەسى رەئىسى ليەن جەن 2005 - يىلى تۇنجى قېتىم چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن باشلانغان ھەمدە ئىككى پارتىيەنىڭ 60 يىللىق دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بېرىلگەن ئىدى.

تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيەسى رەئىسى جۇ لىلۈننىڭ شاڭخەيدىكى پائالىيەتتىن كېيىن بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى بىلدۈرۈلمەكتە.