تەيۋەن پرېزىدېنتى تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا قاتناشتى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پەيشەنبە كۈنى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي پاراتىغا قاتناشقان. بىر كۈندىن كېيىن تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىپ ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلدى.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ بۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭ بىلەن رىقابەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، سەي يىڭۋېن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇنى «ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەنلىك» دېگەن. بۇ سەي يىڭۋېننىڭ 2016‏-يىلى پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تەيۋەننىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا ئىشتىراك قىلىشى ئىكەن.

ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى پەيشەنبە كۈنى شى جىنپىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ زور كۆلەملىك دېڭىز ۋە ھاۋا بىرلەشمە ھەربىي پاراتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، ئىگىلىك ھوقۇقى تالا-تارتىشتىكى بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا راست ئوق ئىشلىتىلمىگەن. خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى كېلەر چارشەنبە كۈنى تەيۋەن بوغۇزىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىردا راست ئوق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سەي يىڭۋېن تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ «سۇئاۋ» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىغا چىقىپ، ھەربىي مانېۋىرغا شۇ يەردىن قوماندانلىق قىلغان. ئۇ مانېۋىردىن كېيىن قىلغان سۆزىدە «بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز ئارمىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىزنى مۇداپىئە قىلىش ۋە قوغداش ئىرادىسىدىن خاتىرجەم بولسۇن،» دېگەن.

سەي يىڭۋېن تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان بېسىمى ۋە تەھدىتى داۋاملىق ئېغىرلىشىپ باردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مانېۋىرىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ قورال كۈچى ياكى باشقا ھەرقانداق ئۇسۇلدا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.