تەيۋەندە «شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق يېڭى كىتاب نەشىردىن چىققان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.17


ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا تەيۋەننىڭ «ئاۋانگارت» نەشرىياتى «شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق يېڭى كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقاتقان.

مەزكۇر كىتاب ھۈر تەڭرىتاغ تەخەللۇسلۇق ئاپتور تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدا ئىشلىتىلىدىغان ئاددىيلاشتۇرۇلمىغان كونا خىتاي يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان.

بۇ كىتاب 10 بابتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، دەسلەپكى ئىككى بابىدا خىتايلار «شىنجاڭ» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ زېمىندىكى مىللەتلەر ۋە بۇ تۇپراقنىڭ خىتاي خەرىتىسىگە قاچان ۋە قانداق شارائىتتا كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە بايان بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى شىمالىي مىلىتارىستلار، گومىنداڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قۇتۇلۇش كۈرەشلىرى يورۇتىلغان. ئاخىرىقى ئىككى بابىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خىتايلارنىڭ «جۇڭخۋا بىرلىكى» نەزەرىيەسى ئاساسىدىكى خىتاي مىللەتچىلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

«ئاۋانگارت» نەشرىياتىنىڭ مەزكۇر كىتاب ھەققىدىكى تونۇشتۇرىشىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ كىتاب خىتاي تىلى دۇنياسىدا بىرىنچى قېتىم "جۇڭخۋا بىرلىكى" ئىدىيەسىدىن مۇستەسنا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي مۇھىتى شەرھىيلەنگەن مۇھىم ئەسەردۇر.

«ئاۋانگارت» نەشىرياتى مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ھۈر تەڭرىتاغ ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. پەقەتلا ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىدىغان، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.