تەيۋەندە ب د ت غا ئەزا بولۇش ئۈچۈن قايتا ھەرىكەت باشلاندى

تەيۋەندىكى «تەيۋەن-ب د ت ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ناملىق بىر تەشكىلات تەيۋەننى ب د ت ئەزالىقىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قايتا ھەرىكەت باشلىغان.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى 17-ئاۋغۇست كۈنى تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مەركىزى كومىتېتىغا بېرىپ، پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ب د ت غا تەيۋەننى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنۇشىنى تەلەپ قىلغان.

تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كاتىپى لى جۈنيى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەلىپىنى يوللۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى، تەيۋەننى ب د ت غا كىرگۈزۈشنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنى سەمىمىي بولۇش ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرمەسلىك ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان.