خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» پەيشەنبە كۈنىدىكى باش ماقالىسىدە «خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈشكە تەييار بولۇشى كېرەك،» دەپ جار سالغان.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا-تەيۋەن ئارىسىدىكى رەسمىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان «تەيۋەن ساياھەت قانۇنى» ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزالىشى بىلەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تەيۋەننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت كانىيى ھېسابلانغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە چوقۇم «قايتۇرما زەربە» بېرىشى كېرەكلىكى قاتتىق پوزىتسىيەدە تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى چوقۇم تەيۋەنگە قارىتا بىۋاسىتە قوراللىق توقۇنۇشقا تەييارلىنىشى كېرەك. خىتاي تەيۋەنگە ئوچۇق قىلىپ، ئامېرىكا - تەيۋەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا رەسمىي زىيارەتلەرنىڭ تەيۋەنگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك.»
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىرىدىن بىرى بولغان ئالېكس ۋوڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندا سۆز قىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسى بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك بولۇپ باقمىغان ئىدى. تەيۋەن ئارىلى پۈتكۈل ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن بىر ئىلھام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشلەپچىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىئان سىتىف تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىكەن.
ئالدىنقى كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينى بۆلۈشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە قارشى «قانلىق ئۇرۇش» قىلىشقا تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.