ئامېرىكا خىتاينى تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا مۇداخىلە قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان
2021.10.04
خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىيە كىملىك رايونىغا ئۈسۈپ كىرىشتە رىكورت ياراتقان ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ 4 كۈن ئىچىدىكى ھاۋا مۇداخىلە ھەركىتى ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى ئىپادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 3-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى ئىۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. بۇ ھەرىكەتلەر مۇقىمسىزلىق، خاتا مۆلچەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.» باياناتتا يەنە «بىز بېيجىڭنى تەيۋەنگە قارىتا ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىشنى ۋە زورلاشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز،» دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئۆكتەبىر، يەنى خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى خىتاينىڭ 38 دانە ئۇرۇش ئايرۇپىلانى تەيۋەننىڭ غەربىي-جەنۇبىي ھاۋا بوشلىقىغا يېقىنلىشىپ قايتىپ كەتكەن. 2-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ئوخشاش يولدا 39 قېتىم، 3-ئۆكتەبىر كۈنى 16 قېتىم ئۇچقان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا 3-ئۆكتەبىر خىتاينى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىمۇ، 4-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ 58 دانە ئۇرۇش ئارۇپىلانى تەيۋەن ھاۋا كىملىك رايونىغا ئۈسۈپ كىرگەن. تەيۋەن بۇنىڭغا قارىتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان.