تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ تەيۋەننى قامال قىلىشىنى «ئۇرۇش ھەرىكىتى» دېدى
2024.10.23
خىتاينىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بارغان مانېۋىرىدىن كېيىن، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېللىنگتون كو (Wellington Koo) چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تەيۋەننى قامال قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئۇرۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا سودىغا زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېللىنگتون كو مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، مانېۋىر بىلەن قامال قىلىش پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. يەر شارى ماللىرىنىڭ بەشتىن بىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتىدۇ. قامال قىلىش پەقەت تەيۋەنگىلا تەسىر قىلىپلا قالماستىن دۇنياغا تەسىر قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك».
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئاۋىياماتكا ئەترىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، تەيۋەن كونتروللۇقىدىكى پراتاس ئارىلىغا يېقىن سۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شىمال تەرەپكە ماڭغانلىقىنى ئېيتقان. مىنىستىرلىقنىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى كەچتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى بولغان «لياۋنىڭ» باشچىلىقىدىكى خىتاي پاراخوتلىرى بايقالغان بولۇپ، تەيۋەن قىسىملىرى بۇ پاراخوت ئەترىتىنى نازارەت قىلغان.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى دائىم تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈپ تەيۋەننى قوللاپ، ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كانادا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ، بېيجىڭنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغانىدى.