تەيۋەندە نۆۋەتتە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىشقا ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ پارلامېنتتا مۇستەقىللىق ئاۋازى بولۇشىغا يەنى مۇستەقىللىق تەرەپدارى ۋەكىللىرى بولۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خوڭكوڭنىڭ خاس ئاساسى قانۇنىدىكى ئالاقىدار ماددىلارنى شەرھلەپ، خىتاينىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلغان، مۇستەقىللىق تەرەپدارى يېڭى پارلامېنتنىڭ ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتقا قايتىدىن قەسەم بېرىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە بۇ خوڭكوڭدا كۈچلۈك نارازىلىققا سەۋەب بولغان.
تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى بۈگۈنكى باياناتىدا «پارتىيىمىز ۋە تەيۋەن خەلقى بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى نۆۋەتتىكى مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز ۋەكىللىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا تاللاش ھوقۇقىنى دەستەكلەيدۇ» دېگەن. رويتېرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە خوڭكوڭدىكى ماجىرادا، بېيجىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نىزامىدىكى بىر دۆلەت چاقىرىقىنى تەكىتلىسە، خوڭكوڭلۇقلار ئىككى خىل تۈزۈم چاقىرىقىنى تەكىتلىمەكتە.