ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى: خىتاي تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك

باش شتابى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 28 يىللىقى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى مەزكۇر ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىدى.

تەشكىلات 2-ئىيۇن ئېلان ئىلغان باياناتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1989-يىلى 4-ئىيۇن ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكنى تەن ئېلىشقا ۋە بارلىق ھۆكۈمەت زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانلىرىنى ئادالەتكە ئېرىشتۈرۈشكە چاقىرىمىز.»

باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇلۇپ كېتىشىنى خالايدىغانلىقى، ئۇنىڭ يۈزلىگەن بىگۇناھ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئورنىغا دۇنيا بىلەن نورمال سودا قىلىشىنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پروگرامما دىرېكتورى ئۆمەر قاناتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997- يىلىدىكى «5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغىمۇ ھازىرغىچە بىرەر سەمىمىي جاۋاب بېرىپ باقمىغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ، ئۇ ئوچۇق يارا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەسلىكنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

1989-يىلى 3-ئىيۇن كېچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تانكىلار بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىك ئۆزگىرىش تەلەپ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغان. باستۇرۇش 4-ئىيۇن تاماملانغان ئىدى.

«تارىخ» توربېتىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى باستۇرۇشتا ئاز دېگەندە 300 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن يەنە مىڭلىغان ئادەم يارىلانغان، 10 مىڭدەك ئادەم تۇتقۇن قىلغان.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە بۇ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىغان. ئۇلار ۋەقەدە بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئەپۇ سورىمىغاننىڭ ئۈستىگە، مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلتۈرگەنلەرنى ئوچۇق ئاشكارا خاتىرىلەشنىمۇ چەكلىگەن ئىدى.