خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تىبەتنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى 23 - نويابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسىمى توك تارقىتىشقا باشلىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى «خىتاي كۈندىلىك» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 9 مىليارد 600 مىليون يۈەن، يەنى بىر مىليارد 500 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، 8 يىل ۋاقىت كەتكەن. بۇ، تىبەت ئېگىزلىكىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئۇزۇن يارلۇزاڭبۇ دەرياسىدىكى 510 مىڭ كىلوۋات توك كۈچىگە ئىگە ئېلېكتر ئىسانسىسىدۇر.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، زاڭمۇ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى دەپ ئاتالغان مەزكۇر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى 6 توك چىقىرىش بۆلۈكىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئىككىنچى بۆلەك كېلەر ئايدا، قالغان تۆت بۆلەك كېلەر يىلى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرىلىدىكەن.
يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ 800 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3 مىڭ 300 مېتىردىن ئاشىدىكەن. دەريانىڭ بۇ خىل جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. ئەمما، دەريانىڭ ھىندىستان ۋە بەن' گال قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئۆتۈشى تۈپەيلىدىن، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشىدىن،خىتاينىڭ سۇ مەنبەلىرىنى قامال قىلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتتىكى مىليونلىغان ئاھالىلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىشىنىڭ قىيىنلىشىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.