ئۇزرا زىيا رەسمىي ھالدا تىبەت مەسىلىلىرى بويىچە ماسلاشتۇرغۇچىلىققا تەيىنلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.20

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى 20-دېكابىر كۈنى رەسمىي ھالدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «پۇقرالار بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق» كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇزرا زىيا خانىمنى تىبەت مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىلىققا تەيىنلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئ‍ۇنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى 2002-يىلى ماقۇللانغان «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» بويىچە ئىشقا ئاشقان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما، شۇنداقلا دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلغان مۇھاجىرەتتىكى تىبەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئالغا سۈرۈش بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىبەت رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسى، جۈملىدىن تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىكەن. ئۇزرا زىيا خانىم يېقىندا چاقىرىلغان «دۇنيا دېموكراتىيە مەجلىسى» دە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەقلىرى توغرىسىدا مەخسۇس سۆز قىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

يىللاردىن بۇيانقى سىياسىي پائالىيەتلەر جەريانىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس مەلۇماتچى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇيغۇرلارغا دائىر قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى سەۋەبىدىن بەزىلەر بۇ جەھەتتىكى ئۈمىدلەرنىڭ بەزى شولىسى نامايان بولماقتا، دەپ قارىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.