بىرلەشمە ئاگېنتلىق: «ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلارمۇ دىنىي پائالىيەتتىن چەكلەندى»
2018.07.24
ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن خۇددى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈز بېرىۋاتقانغا ئوخشاشلا تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تەتىل مەزگىلىدە دىنىي پائالىيەتلەردىن چەكلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، لاسا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەتىل مەزگىلىدە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ۋەدىنامىگە قول قويغان. بۇ ئەھۋالنى مەزكۇر مەكتەپنىڭ سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئاشكارىلىغان. خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، لاسادىكى ئاساسلىق بۇتخانىلاردىكى راھىپلار سىياسىي تەربىيە ئۈچۈن بۇتخانىدىن ئېلىپ كېتىلگەن؛ خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى تىبەتتە ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن چوڭلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت باغلىنىشىنى ئۈزۈۋېتىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
خەۋەردە يەنە بۇ خىل مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋە خىتاينىڭ شەرقتىكى ئۆلكىلىرىدىكى خرىستىئانلارغا قارىتامۇ شىددەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.