تىبەتتە يەنە بىر راھىب ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.02


رادىيومىزنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتتە يەنە بىر راھىب ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن كالساڭ ۋاڭدۇ ئىسىملىك تىبەت راھىب سىچۈەن ئۆلكىسى كاردزە تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان رەتسوھا ئىبادەتخانىسى يېنىدا ئۆزىگە ئوت قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلغا تەۋە تۇنجى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان مەزكۇر راھىب كۈيۈش جەريانىدا «تىبەتلەرگە مۇستەقىللىق» دەپ شوئار توۋلىغان، ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىش جەريانىدا قازا قىلغان.

تىبەتلەر 2009 - يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان. شۇندىن بۇيان 144 تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى نويابىر كاردزە ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر تىبەت راھىبەمۇ ئۆزىنى كۆيدۈرگەن. ئۇمۇ «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك»، «دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىغا يول بېرىلسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان. ئۇنىڭ كېيىن كۆيۈك يارىسىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.