تىبەت سەرگەردانلىرى خىتاينىڭ تىبەت مۇرىتلىرىنىڭ ھىندىستانغا بېرىپ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

تىبەت سەرگەردانلىرى خىتاينىڭ تىبەت مۇرىتلىرىنىڭ ھىندىستانغا بېرىپ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتلەرنىڭ ھىندىستانغا بېرىپ، دالاي لامانىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۇنيا بۇددا يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

تىبەت سەرگەردان تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر دىنىي يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن مىڭلىغان تىبەتلىك بۇددىست مۇرىتى ھىندىستانغا بارغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مۇخلىسلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى يىغىنغا قاتناشماي قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. دائىرىلەر مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياكى تارقاق ھەجگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر قىلغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىدى.

ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر-خەلقئارا ئالاقە ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ناۋاڭ تومى جۈمە كۈنى خىتاينى تەنقىدلەپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى تىبەتلەرنىڭ غەزەپلىك ساداسىغا قۇلاق سېلىشقا ئۈندەيمىز» دېگەن.

34‏-نۆۋەتلىك مەزكۇر خەلقئارا بۇددىزم پائالىيىتى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كارما گېلەك يۇتوكنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا بىلدۈرۈشىچە، 7 مىڭ بۇددىست مۇرىتى خىتاينىڭ بېسىمىدا يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. ھىندىستاننىڭ بىخار شتاتىدا 2‏-يانۋار باشلانغان مەزكۇر خەلقئارا دىنىي يىغىلىش 14‏-يانۋار ئاخىرلىشىدۇ.