«زاڭزۇ رايونىدىكى قىسىملارنىڭ پسىخىك تەربىيە قوللانمىسى» دىكى مەزمۇنلار نارازىلىق قوزغىدى

نورۋېگىيەدىكى تىبەت ئاۋازى ژۇرنىلى 14-ماي كۈنى ئېلان قىلغان «زاڭزۇ رايونىدىكى قىسىملارنىڭ پسىخىك تەربىيە قوللانمىسى» دىكى مەزمۇنلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇلاھىزىچىلەر ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلدى.

چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى بۇ كىتاب، تىبەت پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تارقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەكتە.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تىبەتلەر رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرىغا تارقىتىلغان بۇ ماتېرىيال 2008-يىلى 10-ئايدا سىچۈەن ئۆلكىلىك قوراللىق قىسىم سىياسىي باشقارمىسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان ئىچكى ماتېرىيال بولۇپ، ماتېرىيالدا تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى باستۇرۇشقا قاتناشقان «قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىدە كۆرۈلىدىغان روھى ۋە پسىخىك ھالەتنى نورمال ساقلاپ، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلاش» مەقسىتىگە يېتىش نىشان قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

«تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەرەققىيات مەركىزى» تارقاتقان ماتېرىيالدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن مارت ۋەقەسىدە، قوزغىلاڭغا قاتناشقان تىبەتلەردىن ئاز دېگەندە 120 تىبەتلىك خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 6500 دىن ئارتۇق تىبەتلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 190 نەپىرى سوتلانغان. 2008-يىلدىكى مارت ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن تىبەتلىك ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.