يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا قارشىلىق بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-03-07
Share

رادىيومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن، يەنى 7-مارت كۈنى كەچ سائەت 5 تە، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ئامگو ناھىيەسىدىكى تسېكو تاپچاغ ئىسىملىك بىر تىبەت ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن، ئىككى پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان تىسېكو، بۇرۇندىنلا مىللىي ھېسسىياتى ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈك ئۈستۈن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنى 10-مارت كۈنى، يەنى تىبەتنىڭ مىللىي ئىسيان كۈنى ئېلىپ بارماقچى بولغان، لېكىن رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تىسەكى ھەرىكىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، تسېكو ئۆزىگە ئوت ياققاندىن كېيىن «ياشىسۇن دالاي لاما، ياشىسۇن ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلىغان ۋە شۇ سائەتتە نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، 2009-يىلى تىبەتلەر خىتايغا قارشى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدە قارشىلىق ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان ئۆزىگە ئوت قويغان 153-تىبەتلىكتۇر.

تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشىنى خىتاي سىياسىي جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگەن، ئەمما بىر قىسىم تىبەتلەر بۇ تۈر قارشىلىق شەكلىنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن.

ئەنگلىيەدىكى «تېلېگراف» ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، تىبەت داھىيسى دالاي لامامۇ بىر قېتىملىق سۆزىدە، ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغۇچىلارنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسىتىشتە ئاقىلانە بولۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت