خىتاينىڭ تىكتوكنى ئېلون ماسكقا سېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.14

باش ئىشتابى خىتايدىكى تىكتوك شىركىتىنىڭ ئامېرىكادا چەكلىنىش ياكى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە سېتىلىش تەقدىرى يېقىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ بۇ شىركەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئامېرىكالىق مەشھۇر كارخانىچى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي ئېلون ماسكقا سېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورى 13-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى تىكتوكنىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلگەن. ئىچكى ئەھۋالنى بىلىدىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر تىكتوك ئامېرىكانىڭ چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان تەقدىردە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى مۇلازىمىتىنى داڭلىق كارخانىچى ئېلون ماسكقا سېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تىكتوك شىركىتى ئامېرىكا ئالىي سوتىدىن، تىكتوكنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، باش سوتچى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئەسلىدىكى بۇيرۇقنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.   بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تىكتوكنى ساقلاپ قېلىشقا ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ ئۇنى رەت قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققانىدى.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى نۆۋەتتە تىكتوكنى سېتىش مەسىلىسىدە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بىرىگە كۆز تىكىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دونالد ترامپنىڭ سايلىمىغا 250 مىليون ياردەم قىلغان ئېلون ماسك ئىكەن. ئەگەر ئېلون ماسك تىكتوكنىڭ ئامېرىكادىكى مۇلازىمىتىنى سېتىۋالسا، ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن X بىلەن تىكتوكقا تەڭ ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى تەڭ باشقۇرىدىكەن. نۆۋەتتە تىكتوكنىڭ ئامېرىكادىكى ئابونتلىرى 170 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنداق زور كۆلەمدىكى ئابونت سانى X نىڭ تىجارىتىنىمۇ روناق تاپقۇزىدىكەن. ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېلون ماسك بىلەن قانداق سودىلىشىدىغانلىقى، باھانى قانداق بېكىتىدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئېلون ماسكنىڭ بۇ سودىغا قانداق قارايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئېلون ماسك ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭغا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئەمما ئېلون ماسك X دە يازغان ئۇچۇرىدا، « تىكتوكنىڭ چەكلىنىشى گەرچە X قا پايدىلىق بولسىمۇ،  مېنىڭچە، تىكتوك ئامېرىكادا چەكلەنمەسلىكى كېرەك. بۇنداق قىلىش پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.