توكيو 2020 - يىللىق ئولىمپىك يىغىنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.09.08


2020 - يىلىدىكى يازلىق ئولىمپىك يىغىنى ئېچىش سالاھىيىتىنى تالىشىش ئاخىرى 7 - سېنتەبىر كۈنى نەتىجىلەندى. ياپونىيە پايتەختى توكيو 2020 - يىللىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن ياپونىيە خەلقى ئۆزىنىڭ غەلىبىسىنى داغدۇغا قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئاخىرقى تاللاشتا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىمۇ كۈچلۈك نامزات بولدى. بىراق ئىستانبۇل توكيودىن كېيىنكى بېلەتكە ئېرىشتى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، توكيو تاللانغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيىدىكى فۇكۇشىما ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئاقىۋىتى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، كۆپلىگەن ياپونلۇقلار ياپون خەلقى ئېغىر ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان، دۆلەتتە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر قىيىن ج بولۇۋاتقاندا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغان، ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2020 - يىلىغىچە ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرىنى تازىلاپ بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

مۇلاھىزىچىلەر ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزات بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا يېقىندا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى، سۈرىيە كرىزىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تاللاشتا غالىپ چىقالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىماقتا.

ئىسپانىيىنىڭ مادرىد شەھىرىمۇ ئاساسلىق رىقابەتچى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ نومۇرى ئىستانبۇلدىن كېيىن تۇرغان.

ئەگەر ئىستانبۇل غەلىبە قىلغان بولسا، ئۇ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تۇنجى ئولىمپىك شەھىرى بولۇپ قالغان بولار ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.