فېيسبۇك شىركىتى خىتاي خاككېرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يامان غەرەزلىك تور پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

فېيسبۇك شىركىتى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تور ھۇجۇمى قوزغىغان بىر تۈركۈم خىتاي خاككېرلارنى توسۇپ قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

فېيىسبۇك شىركىتىنىڭ 24-مارت كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم خىتاي خاككېرلىرى بۇ تاراتقۇ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قول تېلىفونى ياكى كومپۇتېرلىرىغا ۋىرۇس قاچىلايدىغان ياكى ئۇنى نازارەت قىلىش ئىمكانىيىگە ئىگە قىلىدىغان يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇلىنىشلىرىنى ئەۋەتكەن. بىخەتەرلىك ساھەسىدە «يەر شارى ئېمپۇسا» ياكى «يامان كۆز» دەپ ئاتالغان خاككېرلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ژۇرنالىستلار ۋە ئۆكتىچىلەرنى نىشانلىغان.

خاككېرلار يالغان، ساختا فېيسبۇك ھېساباتلىرىنى ئىشلىتىپ، «ژۇرنالىست»، «ئوقۇغۇچى»، «كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى» لاردەك ۋە ياكى بىر «ئۇيغۇر» دەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، نىشان قىلىنغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە ئۇلارغا يامان غەرەزلىك تور ئۇلىنىشلىرىنى ئەۋەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاككېرلار يەنە ئۇيغۇرلار كۆپرەك بىلىدىغان ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە خەۋەر تور بېكەتلىرىگە ئوخشايدىغان تور ناملىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يامان غەرەزلىك تور بېكەتلەرنى قۇرغان. ئۇلار يەنە نىشان قىلىنغان كىشىلەر داۋاملىق زىيارەت قىلىدىغان تور بەتلەرنى خاككىرلىغان. بۇ خاككىر گۇرۇپپىلىرى يەنە ئاندرويد تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈلىدىغان ناماز ئەپلىرى ۋە لۇغەت قاتارلىق يامان غەرەزلىك ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىمۇ ياسىغان ئىكەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە فېيسبۇك بۇ ئەپلەرنى «بېيجىڭ بېست بىرلەشمە تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» (Best Lh) ۋە دالىيەن «راش 9 تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» (9Rush) دىن ئىبارەت ئىككى خىتاي شىركىتى ياسىغانلىقىنى بايقىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ شىركەتلەرگە ۋە شۇنداقلا ئامېرىكادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ۋەقە ھەققىدە تېلىفون قىلغان بولسىمۇ، جاۋاب ئالالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلار ئاساسەن تۈركىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا، سۈرىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئالاھەزەل 500 كىشى ئەتراپىدا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى نىشان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېلىفون ۋە كومپۇتىرلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىلگىرىمۇ بىر قانچە تور بىخەتەرلىكى شىركىتى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. فېيىسبۇك شىركىتىنىڭ بۇ ئېلانى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشدان قىلغان تور ھۇقۇمىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىشى بولۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.